شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى 10-يانۋار جۇڭغارىيە سودا سارىيى ئالدىدا ‹‹110›› تەشۋىقات كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى .
پائالىيەتتە شەھرىمىزدىكى ھەر ساھە خەلقى بولۇپ 100 گە يېقىن كىشى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ‹‹110›› قوماندانلىق مەركىزىنى زىيارەت قىلدى . پائالىيەتتە 20 گە يېقىن قارا تاختا گېزىتى چىقىرىلدى ،100 ئادەم قېتىم مەسلىھەت بېرىلدى ،1000 پارچىدىن ئارتۇق تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىلدى.
2008-يىل 25- سىنتەبىر ‹‹110››،‹‹119›› ۋە ‹‹122›› ئىستانسىسى بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن ، دېلو قوبۇل قېلىش ، رازۋېتكا قىلىش ، قاتناش ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ، شەھەرنى نازارەت قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان . بۇلتۇر ‹‹110›› لىنىيىسى 118مىڭ 347قېتىم تېلېفون قۇبۇل قىلغان بولۇپ ، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە تېلېفۇن قىلىش نىسبىتى 400 قېتىمغا ، سائىتىگە 15 قېتىمغا يەتكەن .