شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: ھازىر ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىگە قاتناشقانلارنى ئېلىپ قېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئىشلىنىۋاتىدۇ، سىياسى – قانۇن ئورگانلىرى ئۇلارنى تەكشۈرۈپ ئايرىۋاتىدۇ. ‹‹بىز پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىپ، دېلونى قانۇن بويىچە بېجىرىپ، دەلىل – ئىسپاتقا، تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىپ، جىنايى پاكىتى ئېنىق بولغان ئېغىر زوراۋانلىق جىنايەتچىلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىمىز››، دېدى. بۇ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئېغىر زوراۋانلىق جىنايەتچىلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى ئىپادىلەپلا قالماي، دېلوغا چېتىلغانلارنى قانۇن بويىچە بىرتەرەپ قىلىشتىكى مۇستەھكەم مەيدانىنىمۇ ئىپادىلىدى.
‹‹5 – ئىيۇل›› ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەسىدە دۆلەت قانۇنى ئېغىر دەپسەندە قىلىندى. جۇڭگو قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت، بىگۇناھلارنى ئۆلتۈرگەن، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زوراۋانلىق جىنايىتىگە زادىلا تاقەت قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ ۋەقەنى پىلانلىغۇچىلار، تەشكىللىگۈچىلەر ۋە ئۇنىڭ غوللۇق ئۇنسۇرلىرىنى، ئېغىر زوراۋانلىق جىنايەتچىلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش شەرت. مۇشۇنداق قىلغاندىلا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› نىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرغىلى، ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرغىلى، قازا قىلغانلارغا جاۋاب بەرگىلى، قانۇننىڭ ئادىللىقىنى ساقلىغىلى بولىدۇ. روسىيىنىڭ سىياسىي مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى كوسكوۋنىڭ ئېيتقىنىدەك، بۇنداق چاغدا، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ مەنپەئىتىنى ھەقىقىي، ئۈنۈملۈك قوغداش ئۈچۈن، ھەممىدە قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈش، باش جىنايەتچىلەرنى تۇتۇش كېرەك، شۇنداق قىلىشلا ئەڭ توغرا، ھەرقانداق دۆلەت شۇنداق قىلىدۇ.
قانۇن ئالدىدا ھەممە كىشى باراۋەر. قانداق كىشى، قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممە كىشى ھەرقانداق ئەھۋالدا قانۇن – ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشى، ئۆز ھەرىكىتىنى قانۇن ئارقىلىق چەكلىشى كېرەك. قانۇننى دەپسەندە قىلغان، ئىجتىمائىي تەرتىپنى بۇزغان ۋە خەلقنىڭ ھاياتى، مال – مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان كىشىلەر ھەر مىللەت خەلقنىڭ دۈشمىنى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىلىدۇ.
چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەيدۇ، ئۇلار يەنىلا قۇتراپ، يېڭى ۋەقە تۇغدۇرۇش قەستىدە بولماقتا. داۋاملىق يۈكسەك ھوشيار تۇرۇپ، قاتتىق زەربە بېرىدىغان يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، جەمئىيەتنى باشقۇرۇش – تىزگىنلەش ۋە قانۇن بويىچە بىرتەرەپ قىلىش خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، دۈشمەننىڭ قايتۇرما ھۇجۇمىنى تارمار قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك.
ئىنتايىن ئاز ساندىكى دۈشمەنلەرنى يېتىم قالدۇرۇپ ۋە ئۇلارغا زەربە بېرىش بىلەن بىللە، يەنە كۆپ ساندىكى ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، تەربىيىلەش، قولغا كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. بۇ چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› نى يېتىم قالدۇرۇش ۋە ئۇلارغا زەربە بېرىش رېئال كۈرىشىنىڭ ئېھتىياجى.
ئىنتايىن ئاز ساندىكى دۈشمەنلەرگە زەربە بېرىپ ۋە ئۇلارنى يېتىم قالدۇرۇپ، كۆپ ساندىكى ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە قولغا كەلتۈرۈشتە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرغاندىلا 21 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلايدىغان قۇدرەتلىك كۈچ شەكىللەندۈرگىلى، ئالغا بېسىش يولىدىكى جاپا مۇشەققەت ۋە خەتەرلىك توساقلارنى يېڭىپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ياراتقىلى بولىدۇ.