中国·克拉玛依 > ئۇيغۇرچە > ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى
شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ئىچىدىكى پىلانلىق تۇغۇت ئائىلىلىرىگە بىر قېتىملىق مۇكاپات پۇلى تارقىتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش 

 

ش ق ھ [2008] 48-نومۇرلۇق

 

 

شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ئىچىدىكى پىلانلىق تۇغۇت ئائىلىلىرىگە بىر قېتىملىق مۇكاپات پۇلى تارقىتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش

توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش

 

رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ كومىتېت، ئىشخانا، ئىدارىلىرى، نېفىت، نېفىت خىمىيە كارخانىلىرى، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا:

دۆلەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت بويىچە مۇكاپاتلاش سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھىرىمىزنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى» بىلەن «‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى› دىكى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنى مۇكاپاتلاش سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىش توغرىسىدا بەلگىلىمە» (ش پ ك [2005] 32-نومۇرلۇق) نىڭ روھىغا ئاساسەن، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ئىچىدىكى پىلانلىق تۇغۇت ئائىلىلىرىگە بىر قېتىملىق مۇكاپات پۇلى تارقىتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرۇش قىلىمىز:

1. مۇكاپاتلاش ئوبيېكتى

پىلانلىق تۇغۇت مۇكاپات پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇش ئوبيېكتىلىرى تۆۋەندىكىلەر:

1) مەمۇرىي، كەسپىي ئورۇنلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىكى «يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانىلار شەرەپ گۇۋاھنامىسى» ياكى «پىلانلىق تۇغۇتلۇق ئاتا-ئانىلار شەرەپ گۇۋاھنامىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «شەرەپ گۇۋاھنامىسى» دەپ ئېلىنىدۇ) ئېلىپ پېنسىيىگە (دەم ئېلىشقا) چىققان خادىملار.

2) نېفىت، نېفىت خىمىيە كارخانىلىرىدىكى «شەرەپ گۇۋاھنامىسى» ئېلىپ پېنسىيىگە (دەم ئېلىشقا) چىققان خادىملار.

3) باشقا كارخانىلاردىكى «شەرەپ گۇۋاھنامىسى» ئالغان، دۆلەتنىڭ سىياسىتى بويىچە پېنسىيىگە چىققان شەھىرىمىز نوپۇسىدىكى خادىملار.

4) شەھىرىمىزنىڭ شەھەر-بازار نوپۇسىدىكى، ئاياللار 55 ياش، ئەرلەر 60 ياشقا توشقان، «شەرەپ گۇۋاھنامىسى» ئالغان ئاھالىلەر.

2. مۇكاپاتلاش شەرتى

پىلانلىق تۇغۇت مۇكاپات پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇشتا تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولۇش كېرەك:

1) پېنسىيىگە (دەم ئېلىشقا) چىقىشتىن بۇرۇن «شەرەپ گۇۋاھنامىسى» ئالغان ئەر-ئاياللار (مۇكاپات پۇلى ئايرىم-ئايرىم ھېسابلاپ تارقىتىلىدۇ، يەنى ئەر-ئايال ئىچىدە بىر تەرەپ پېنسىيىگە چىققان بولسا، شۇ تەرەپ بەھرىمەن بولىدۇ، تۆۋەندىمۇ ئوخشاش).

2) پېنسىيە يېشىغا توشمىغان، ئەمما دۆلەتنىڭ سىياسەت بەلگىلىمىسى دائىرىسىدە مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيىگە چىققان (مۇددەتتىن بۇرۇن ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان، ئىچكى قىسىمدا پېنسىيىگە ئۆتكەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، ۋەزىپىسىدىن قالغان، كېسەل سەۋەبىدىن پېنسىيىگە ئۆتكەن خادىملار.

3) «شەرەپ گۇۋاھنامىسى» ئالغان بولسىمۇ، لېكىن پەرزەنتلىرى قازا قىلىپ، قايتا پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەن ۋە پەرزەنت بېقىۋالمىغان پېنسىيىگە (دەم ئېلىشقا) چىققان ئەر-ئاياللار.

4) نىكاھتىن ئاجرىشىش، جۆرىسى قازا قىلىشتىن بۇرۇن «شەرەپ گۇۋاھنامىسى» ئالغان ھەمدە قايتا پەرزەنت كۆرمىگەن ۋە پەرزەنت بېقىۋالمىغان پېنسىيىگە (دەم ئېلىشقا) چىققان خادىملار.

5) قايتا نىكاھلىنىپ يېڭىدىن قۇرغان ئائىلىسىدە «شەرەپ گۇۋاھنامىسى» بار ھەمدە قايتا پەرزەنت كۆرمىگەن ۋە پەرزەنت بېقىۋالمىغان پېنسىيىگە (دەم ئېلىشقا) چىققان خادىملار.

3. مۇكاپاتلاش ئۆلچىمى

شەرتكە ئۇيغۇن خادىملارنىڭ ھەر بىرىگە 5000 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە بىر قېتىملىق مۇكاپاتلاش پۇلى تارقىتىپ بېرىلىدۇ.

4. مەبلەغ غەملەش يوللىرى

پىلانلىق تۇغۇت مۇكاپات پۇلى تۆۋەندىكى يوللار ئارقىلىق غەملىنىدۇ ۋە تارقىتىلىدۇ:

1) مەمۇرىي، كەسپىي ئورۇنلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىكى پېنسىيىگە (دەم ئېلىشقا) چىققان خادىملارغا بېرىلىدىغان پىلانلىق تۇغۇت مۇكاپات پۇلىنى شۇ ئورۇنلار ئۆزلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ.

2) كارخانا ئورۇنلىرىدىكى پېنسىيىگە (دەم ئېلىشقا) چىققان خادىملارغا بېرىلىدىغان پىلانلىق تۇغۇت مۇكاپات پۇلىنى كارخانىلار تەننەرخكە كىرگۈزۈپ چىقىم قىلىدۇ.

3) پېنسىيىگە (دەم ئېلىشقا) چىققاندىن كېيىن كارخانىلار قايتا تەشكىللەنگەن بولسا، پىلانلىق تۇغۇت مۇكاپات پۇلىنى ھازىرقى كارخانىلار تارقىتىپ بېرىدۇ.

4) دۆلەت كارخانىلىرى بىلەن ئەمگەك توختىمىنى ھەقلىق بىكار قىلغان خادىملارنىڭ مۇكاپات پۇلىنى ھازىرقى ئورۇنلىرى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشمىغان خادىملارنىڭ مۇكاپات پۇلىنى، پېنسىيە رەسمىيىتىنى بېجىرگەندىن كېيىن، تۇرۇشلۇق رايونلۇق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مالىيىسىدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.

5) ۋەيران بولغان يەرلىك كارخانىلارنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن، شۇ كارخانىلار رۇيخەتكە ئالدۇرغان شەھەر، رايونلارنىڭ مالىيىسىدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.

6) يۇقىرىقى ئەھۋاللاردىن باشقا شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت مۇكاپات پۇلى ئۆزلىرى قاراشلىق رايونلۇق ھۆكۈمەتلەرنىڭ مالىيىسىدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.

5. مۇكاپات پۇلىنىڭ ھېسابلاپ تارقىتىلىش ۋاقتى

1) پېنسىيىگە (دەم ئېلىشقا) چىققان خادىملارنىڭ پىلانلىق تۇغۇت مۇكاپات پۇلى پرىنسىپ جەھەتتىن پېنسىيىگە (دەم ئېلىشقا) چىققان ۋاقتىدا بىر قېتىمدىلا تارقىتىپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن پېنسىيىگە (دەم ئېلىشقا) چىققان خادىملار ئىچىدە پىلانلىق تۇغۇت مۇكاپات پۇلىدىن بەھرىمەن بولمىغانلىرى بولسا، ئۆز ئورۇنلىرىغا تولۇقلاپ تارقىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

2) شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت مۇكاپات پۇلى بەلگىلىك ياشقا توشقاندىن كېيىن بىر قېتىمدىلا تارقىتىپ بېرىلىدۇ.

6. باشقا ئىشلار

1) دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشى يولغا قويۇلىدىغان ئورۇنلارنىڭ پىلانلىق تۇغۇت مۇكاپات پۇلى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماقنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بېجىرىلىدۇ.

2) پېنسىيىگە (دەم ئېلىشقا) چىققاندا ئۆز مائاشىنىڭ %5 ى بويىچە پىلانلىق تۇغۇت مۇكاپات پۇلى تارقىتىپ بېرىلگەن خادىملار پىلانلىق تۇغۇت مۇكاپات پۇلىدىن قايتا بەھرىمەن بولمايدۇ.

3) خادىملىرى بىر قەدەر كۆپ بولغان ئورۇن ۋە كارخانىلار پىلانلىق تۇغۇت مۇكاپات پۇلىنى ئۈچ يىل ئىچىدە تەدرىجى ئەمەلىيلەشتۈرسە بولىدۇ.

4) بۇ ئۇقتۇرۇش 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.

5) بۇ ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلمىغان ئىشلارنى چۈشەندۈرۈشكە شەھەرلىك نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى مەسئۇل بولىدۇ.

 

 

2008-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى

 

信息来源: