ش ق ھ [2008] نومۇرلۇق
دۇ يوڭ قاتارلىق 29 يولداشنى ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى قارار قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ
شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىگە:
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى» دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ دۇ يوك قاتارلىق 29 يولداشنى ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى قارار قىلىشىنى سورايمەن.
قوشۇمچە: دۇ يوڭ قاتارلىق 29 يولداشنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى.
قاراماي شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى:
2008-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى
دۇ يوڭ قاتارلىق 29 يولداشنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى
ۋەزىپىگە تەيىنلەنگۈچى:
دۇ يوڭ، ئەر، خەنزۇ، خېنەن لۇشەندىن، 1968-يىلى 2-ئايدا تۇغۇلغان، 1990-يىلى 7-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1996- يىلى 3-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيىسىگە كىرگەن.
ئوقۇش تارىخى: ئالىي مەكتەپ (1990-يىلى 7-ئايدا غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتى كومپيۇتېر ئىلمى فاكولتېتىنىڭ يۇمشاق دېتال ئۆزلەشتۈرۈش كەسپىنى پۈتتۈرگەن)
ھازىرقى ۋەزىپىسى: شەھەرلىك ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ.
تەيىنلىنىدىغان ۋەزىپە: شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپى.
ۋەزىپىگە تەيىنلەش سەۋەبى: خىزمەت ئېھتىياجىدىن.
خىزمەت تارىخى: 1986-يىلى 9-ئايدا غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتى كومپيۇتېر ئىلمى فاكولتېتىنىڭ يۇمشاق دېتال ئۆزلەشتۈرۈش كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1990-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە چارلاش، ئۆزلەشتۈرۈش تەتقىقات يۇرتى يۇمشاق دېتال بۆلۈمىدە ياردەمچى ئېنژېنېر بولغان؛ 1994-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە چارلاش، ئۆزلەشتۈرۈش تەتقىقات يۇرتى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1995-يىلى 6-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە چارلاش، ئۆزلەشتۈرۈش تەتقىقات يۇرتى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1996-يىلى 9-ئايدا قاراماي شەھىرى، شىنجاڭ نېفىت ئىدارە ئىتتىپاق كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 1998-يىلى 5-ئايدا قاراماي شەھىرى، شىنجاڭ نېفىت ئىدارە ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1999-يىلى 12-ئايدا قاراماي شەھىرى، شىنجاڭ نېفىت ئىدارە ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2003-يىلى 8-ئايدىن بۈگۈنگە قەدەر ھازىرقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتىدۇ.
گاۋ رۈيخۇڭ، ئەر، خەنزۇ، خېنەن خۇاڭچۈەندىن، 1960-يىلى 6-ئايدا تۇغۇلغان، 1977-يىلى 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1985-يىلى 6-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيىسىگە كىرگەن.
ئوقۇش تارىخى: ئالىي تېخنىكوم (1981-يىلى 8-ئايدا مايتاغ نېفىت مەكتىپىنىڭ بۇرغىلاش، چارلاش كەسپىنى پۈتتۈرگەن)
ھازىرقى ۋەزىپىسى: شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇدىرى، قاراماي نېفىت خىمىيە سانائىتى باغچا رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى.
تەيىنلىنىدىغان ۋەزىپە: شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى.
تەيىنلەش سەۋەبى: خىزمەت ئېھتىياجىدىن.
خىزمەت تارىخى: 1978-يىلى 9-ئايدا مايتاغ نېفىت مەكتىپىنىڭ بۇرغىلاش، چارلاش كەسپىنى ئوقۇغان؛ 1981- يىلى 8-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە بۇرغىلاش باشقارمىسىنىڭ بۇرغىلاش 4-چوڭ ئەترىتىدە پراكتىكانت تېخنىك بولغان؛ 1982-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە بۇرغىلاش باشقارمىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرى بۆلۈمىدە پراكتىكانت تېخنىك بولغان؛ 1984-يىلى 12-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە بۇرغىلاش باشقارمىسى 32735 بۇرغىلاش ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1985-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە بۇرغىلاش شىركىتى پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛ 1989-يىلى 6-ئايدا قاراماي شەھىرى، شىنجاڭ نېفىت ئىدارە پارتكوم ئىشخانىسى كاتىبات بۆلۈمىنىڭ كاتىپى بولغان؛ 1992-يىلى 8-ئايدا قاراماي شەھىرى، شىنجاڭ نېفىت ئىدارە پارتكوم ئىشخانىسىدە بۆلۈم دەرىجىلىك كاتىپ بولغان؛ 1993-يىلى 6-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە تاشقى سودا باش شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى بولغان؛ 1996-يىلى 9-ئايدا قاراماي شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، قاراماي شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 1997-يىلى 1-ئايدا قاراماي شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، قاراماي شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى قوشۇمچە قاراماي رايونلۇق پارتكوم، شەھەرگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگان پارتكومىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي ئەزاسى بولغان؛ 1997-يىلى 8-ئايدا قاراماي شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، قاراماي شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى قوشۇمچە شەھەرگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگان پارتكومىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي ئەزاسى بولغان؛ 1999-يىلى 2-ئايدا قاراماي شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، قاراماي شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 2002-يىلى 5-ئايدا قاراماي شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، قاراماي شەھەرلىك ئىقتىساد-سودا كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 2003-يىلى 7-ئايدا قاراماي شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، قاراماي شەھەرلىك ئىقتىساد- سودا كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى بولغان؛ 2004-يىلى 10-ئايدا قاراماي شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، قاراماي شەھەرلىك ئىقتىساد-سودا كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، قاراماي نېفىت خىمىيە سانائىتى باغچا رايونى مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 2006-يىلى 1-ئايدىن بۈگۈنگە قەدەر ھازىرقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ.
ئوۋ ياڭۋېي، ئايال، خەنزۇ، خۇنەن چاڭنىڭدىن، 1957-يىلى 3-ئايدا تۇغۇلغان، 1975-يىلى 9-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1981-يىلى 12-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيىسىگە كىرگەن.
ئوقۇش تارىخى: ئالىي تېخنىكوم (1989-يىلى 7-ئايدا خاڭجۇ سودا ئىنىستىتوتىنىڭ سودا كارخانىلىرىنى باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن)
ھازىرقى ۋەزىپىسى: شەھەرلىك ئىقتىساد-سودا كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، شەھەرلىك تۈزچىلىق شۆبە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى.
تەيىنلىنىدىغان ۋەزىپە: شەھەرلىك ئىقتىساد-سودا كومىتېتىنىڭ مۇدىرى.
تەيىنلەش سەۋەبى: خىزمەت ئېھتىياجىدىن.
خىزمەت تارىخى: 1975-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە نېفىتلىك قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدا قايتا تەربىيە ئالغان؛ 1976-يىلى 10-ئايدا قاراماي شەھەرلىك سودا ئىدارىسىنىڭ يېمەكلىك زاۋۇتىدا لابوراتورىيە خادىمى بولغان؛ 1984-يىلى 8-ئايدا قاراماي شەھەرلىك سودا ئىدارىسى ھاراق-تاماكا شىركىتى ئىشخانىسىدا كاتىپ بولغان؛ 1985-يىلى 12-ئايدا قاراماي شەھەرلىك سودا ئىدارىسى پارتكوم ئىشخانىسىدا كاتىپ بولغان؛ 1987-يىلى 9-ئايدا خاڭجۇ سودا ئىنىستىتوتىنىڭ سودا كارخانىلىرىنى باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1989-يىلى 7-ئايدا قاراماي شەھەرلىك سودا ئىدارىسى پارتكوم ئىشخانىسىدا كاتىپ بولغان؛ 1992- يىلى 4-ئايدا قاراماي شەھەرلىك سودا ئىدارىسى كادىرلار، قوغداش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 1992-يىلى 12-ئايدا قاراماي شەھەرلىك سودا ئىدارىسى 8-مارت سودا سارىيىنىڭ دىرېكتورى بولغان؛ 1993-يىلى 2-ئايدا قاراماي شەھەرلىك سودا ئىدارىسى 8-مارت سودا سارىيىنىڭ دىرېكتورى قوشۇمچە سىياسىي يېتەكچىسى بولغان؛ 1995-يىلى 3-ئايدا قاراماي شەھەرلىك سودا ئىدارىسى جۇڭغارىيە سودا سارىيىنىڭ دىرېكتورى بولغان؛ 1995-يىلى 8-ئايدا قاراماي شەھەرلىك سودا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 1996-يىلى 9-ئايدا قاراماي شەھەرلىك سودا ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان؛ 1998-يىلى 10-ئايدا قاراماي شەھەرلىك سودا ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان؛ 2000-يىلى 10-ئايدا قاراماي شەھەرلىك سودا ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى، شەھەرلىك تۇزچىلىك شۆبە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 2004-يىلى 10-ئايدا قاراماي شەھەرلىك ئىقتىساد-سودا كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛ 2006-يىلى 1-ئايدا قاراماي شەھەرلىك ئىقتىساد-سودا كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى، شەھەرلىك تۇزچىلىك شۆبە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 2006-يىلى 7-ئايدىن بۈگۈنگە قەدەر ھازىرقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ.
ۋاڭ شىجۈن، ئەر، خەنزۇ، سىچۇەن كەيجياڭدىن، 1956-يىلى 1-ئايدا تۇغۇلغان، 1980-يىلى 9-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1976-يىلى 1-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيىسىگە كىرگەن.
ئوقۇش تارىخى: ئالىي مەكتەپ (1997-يىلى 12-ئايدا مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ماتېرىيال ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئىنىستىتوتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن)
ھازىرقى ۋەزىپىسى: قاراماي شەھىرى، شىنجاڭ نېفىت ئىدارە پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شەھەرلىك كادىرلار ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى.
تەيىنلىنىدىغان ۋەزىپە: شەھەرلىك كادىرلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى.
تەيىنلەش سەۋەبى: خىزمەت ئېھتىياجىدىن.
خىزمەت تارىخى: 1978-يىلى 4-ئايدا چوڭچىڭ نېفىت مەكتىپىنىڭ كان ماشىنىلىرى كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1980-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە ماشىنىسازلىق زاۋۇتىدا پىراكتىكا قىلغان؛ 1981-يىلى 4-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە ئەمگەك، ئىش ھەققى باشقارمىسىنىڭ نورما بېكىتكۈچى خادىمى بولغان؛ 1984-يىلى 8-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە ئەمگەك، ئىش ھەققى باشقارمىسى ئەمگەك تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 1991-يىلى 5-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە ئەمگەك، ئىش ھەققى باشقارمىسى ئەمگەك تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1995-يىلى 4-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە ئەمگەك، ئىش ھەققى باشقارمىسىنىڭ مۇدىر ئىقتىسادچىسى (مۇئاۋىن باشقارما دەرىجىلىك) بولغان؛ 1996-يىلى 4-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە ئەمگەك، ئىش ھەققى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛ 1999-يىلى 3-ئايدا قاراماي شەھىرى، شىنجاڭ نېفىت ئىدارە ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛ 1999-يىلى 12-ئايدا قاراماي شەھەرلىك ئەمگەك، كادىرلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 2000-يىلى 1-ئايدا قاراماي شەھىرى، شىنجاڭ نېفىت ئىدارە پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شەھەرلىك ئەمگەك، كادىرلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 2002-يىلى 5-ئايدا قاراماي شەھەرلىك ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 2003-يىلى 7-ئايدا قاراماي شەھەرلىك ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان؛ 2005-يىلى 12-ئايدا قاراماي شەھەرلىك ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئىدارە باشلىقى بولغان؛ 2007-يىلى 1-ئايدىن بۈگۈنگە قەدەر ھازىرقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ.
ۋۇ شىنخۇا، ئەر، خەنزۇ، خېنەن جۇنياڭدىن، 1964-يىلى 1-ئايدا تۇغۇلغان، 1984-يىلى 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1987-يىلى 12-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيىسىگە كىرگەن.
ئوقۇش تارىخى: ئالىي مەكتەپ (1998-يىلى 12-ئايدا مەركەز پارتىيە مەكتىپى ماتېرىيال ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئىنىستىتوتىنىڭ تاشقى ئىشلار كەسپىنى پۈتتۈرگەن)
ھازىرقى ۋەزىپىسى: شەھەرلىك ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئىدارە باشلىقى.
تەيىنلىنىدىغان ۋەزىپە: شەھەرلىك ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى.
تەيىنلەش سەۋەبى: خىزمەت ئېھتىياجىدىن.
خىزمەت تارىخى: 1982-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ نېفىت مەكتىپىنىڭ ئەمەلىي خىمىيە كەسپىنى پۈتتۈرگەن؛ 1984-يىلى 8-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە بۇرغىلاش باشقارمىسى 4-چوڭ ئەترىتىنىڭ 32841 بۇرغىلاش ئەترىتىدە پراكتىكا قىلغان؛ 1985-يىلى 8-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە بۇرغىلاش ھۈنەر- سەنئەت تەتقىقات يۇرتى سۇيۇق لاي بۆلۈمىنىڭ تېخنىكى بولغان؛ 1987-يىلى 3-ئايدا قاراماي شەھىرىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگان پارتكومى، رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ كادىرى بولغان؛ 1992-يىلى 2-ئايدا قاراماي شەھىرىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگان پارتكومى، رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 1993-يىلى 2-ئايدا قاراماي شەھىرىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگان پارتكومى، رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1996-يىلى 11-ئايدا قاراماي شەھىرى، شىنجاڭ نېفىت ئىدارە ئىختىساسلىقلار، ئەمگەك كۈچلىرىنى ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛ 2002-يىلى 7-ئايدا قاراماي شەھەرلىك ئىختىساسلىقلار، ئەمگەك كۈچلىرىنى ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛ 2005-يىلى 1-ئايدا قاراماي شەھەرلىك ئىختىساسلىقلار، ئەمگەك كۈچلىرىنى ئالماشتۇرۇش مەركىزى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛ 2005-يىلى 2-ئايدا قاراماي شەھەرلىك ئىختىساسلىقلار، ئەمگەك كۈچلىرىنى ئالماشتۇرۇش مەركىزى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇدىرى بولغان؛ 2007-يىلى 1-ئايدىن بۈگۈنگە قەدەر ھازىرقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ.
ليۇ بوتاۋ، ئەر، خەنزۇ، سىچۈەن دايىدىن، 1967-يىلى 1-ئايدا تۇغۇلغان، 1988-يىلى 7-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1992-يىلى 12-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيىسىگە كىرگەن.
ئوقۇش تارىخى: ئالىي مەكتەپ (2000-يىلى 12-ئايدا مەركەز پارتىيە مەكتىپى ماتېرىيال ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئىنىستىتوتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن)
ھازىرقى ۋەزىپىسى: شەھەرلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى.
تەيىنلىنىدىغان ۋەزىپە: شەھەرلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى.
تەيىنلەش سەۋەبى: خىزمەت ئېھتىياجىدىن.
خىزمەت تارىخى: 1988-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە يول ياساش شىركىتىدە تېخنىك بولغان؛ 1993-يىلى 2-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە يول ياساش شىركىتى قۇرۇلۇش يۈرگۈزۈش ئىشخانىسى (ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى بۆلۈمى) نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، سۈپەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1995-يىلى 1-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە يول ياساش شىركىتى تۈرلەر دىرېكتورىيىتىنىڭ دىرېكتورى بولغان؛ 1995-يىلى 2-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە يول ياساش شىركىتى دىرېكتورىنىڭ ياردەمچىسى قوشۇمچە تۈرلەر دىرېكتورىيىتىنىڭ دىرېكتورى بولغان؛ 1997-يىلى 12-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە يول-كوۋرۈك قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى بولغان؛ 2000-يىلى 1-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە بىناكارلىق قۇرۇلۇش باش شىركىتى ۋاقىتلىق پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن دىرېكتورى بولغان؛ 2000-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ نېفىت قۇرۇلۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى؛ 2002-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ نېفىت قۇرۇلۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن دىرېكتورى بولغان، 2007-يىلى 1-ئايدىن بۈگۈنگە قەدەر ھازىرقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ.
كاڭ جيەنجۈن، ئەر، خەنزۇ، شەنشى كېلەندىن، 1952-يىلى 8-ئايدا تۇغۇلغان، 1970-يىلى 6-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1985-يىلى 12-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيىسىگە كىرگەن.
ئوقۇش تارىخى: ئالىي مەكتەپ (2000-يىلى 12-ئايدا مەركەز پارتىيە مەكتىپى ماتېرىيال ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئىنىستىتوتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن)
ھازىرقى ۋەزىپىسى: شەھەرلىك شەھەر پىلانلاش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى.
تەيىنلىنىدىغان ۋەزىپە: شەھەرلىك شەھەر پىلانلاش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى.
تەيىنلەش سەۋەبى: خىزمەت ئېھتىياجىدىن.
خىزمەت تارىخى: 1970-يىلى 6-ئايدا شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى قىزىلبايراق گۇڭشېسى چېكې چوڭ ئەترىتىگە ئورۇنلاشقان؛ 1971-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە رېمونتچىلىق شىركىتى توپا قۇرۇلۇشى ئەترىتىنىڭ ئىشچىسى، قۇرۇلۇش يۈرگۈزگۈچىسى بولغان؛ 1977-يىلى 8-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە نېفىتلىك قۇرۇلۇش شىركىتى پىلان بۆلۈمىنىڭ پىلانچىسى، مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 1989-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە ئاساسىي قۇرۇلۇش باشقارمىسىدا خىزمەت قىلغان؛ 1990-يىلى 4-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە ئاساسىي قۇرۇلۇش باشقارمىسى ئۇنىۋېرسال بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1991-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە شازىگەي نېفىتلىك قۇرۇلۇشى دىرېكتورىيىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى، ئاساسىي قۇرۇلۇش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1993-يىلى 11-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە ئاساسىي قۇرۇلۇش باشقارمىسى بازار باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1994-يىلى 2-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە يېڭى نېفىتلىك ئۆزلەشتۈرۈش شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى بولغان؛ 1996-يىلى 8-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىداە ئاساسىي قۇرۇلۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇدىرى بولغان؛ 1999-يىلى 11-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە نېفىت قۇرۇلۇش مۇلازىمىتىنى ماسلاشتۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى (باشقارما دەرىجىلىك) بولغان؛ 2000-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە نېفىتلىك قۇرۇلۇش مۇلازىمىتىنى ماسلاشتۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى (باشقارما دەرىجىلىك)، دەۋر نېفىت قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇدىرەت ئەزاسى بولغان؛ 2001-يىلى 1-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە نېفىتلىك قۇرۇلۇش مۇلازىمىتىنى مازلاشتۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى (باشقارما دەرىجىلىك)، شىنجاڭ خېڭتۇڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، دەۋر نېفىت قۇرۇلۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى بولغان؛ 2002-يىلى 5-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە ئاساسىي قۇرۇلۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى (باشقارما دەرىجىلىك)، شىنجاڭ خېڭتۇڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، دەۋر نېفىت قۇرۇلۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى بولغان؛ 2002-يىلى 11-ئايدا قاراماي شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان، 2005-يىلى 2-ئايدا قاراماي شەھەرلىك شەھەر پىلانلاش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بولغان؛ 2007-يىلى 1-ئايدىن بۈگۈنگە قەدەر ھازىرقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ.
جاۋ ۋېيدۇڭ، ئەر، خەنزۇ، خېنەن فۇگۇدىن، 1956-يىلى 10-ئايدا تۇغۇلغان، 1981-يىلى 7-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1981-يىلى 7-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيىسىگە كىرگەن.
ئوقۇش تارىخى: ئالىي مەكتەپ (1997-يىلى 12-ئايدا مەركەز پارتىيە مەكتىپى ماتېرىيال ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئىنىستىتوتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن)
ھازىرقى ۋەزىپىسى: شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش مەمۇرىي قانۇن ئىجرائىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئىدارە باشلىقى.
تەيىنلىنىدىغان ۋەزىپە: شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش مەمۇرىي قانۇن ئىجرائىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى.
تەيىنلەش سەۋەبى: خىزمەت ئېھتىياجىدىن.
خىزمەت تارىخى: 1981-يىلى 7-ئايدا مايتاغ نېفىت مەكتىپى ئوقۇغۇچىلار بۆلۈمىنىڭ كادىرى بولغان: 1983-يىلى 10-ئايدا تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتى مېتال تاۋلاش شۆبە مەكتىپىدە ئوقۇغان؛ 1985-يىلى 12-ئايدا شىنجاڭ نېفىت مەكتىپى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1988-يىلى 2-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە قويۇق نېفىت شىركىتى مالىيە بۆلۈمىدە بۇغالتىر بولغان؛ 1990-يىلى 6-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە قويۇق نېفىت شىركىتى ئىقتىسادىي تەپتىشلىك بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 1992-يىلى 5-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە قويۇق نېفىت شىركىتى ئەمگەك مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ دىرېكتورى بولغان؛ 1993-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە قويۇق نېفىت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى بولغان؛ 1996-يىلى 9-ئايدا قاراماي شەھەرلىك يەر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1998-يىلى 10-ئايدا قاراماي شەھەرلىك شەھەر پىلانلاش، دۆلەن زىمىن بايلىقى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بولغان؛ 2000-يىلى 2-ئايدا قاراماي شەھىرى قاراماي رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2004-يىلىدىن بۈگۈنگە قەدەر ھازىرقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ.
غۇلامۇيىدىن ئىبراھىم، ئەر، ئۇيغۇر، شىنجاڭ توقسۇندىن، 1953-يىلى 6-ئايدا تۇغۇلغان، 1970-يىلى 6-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1981-يىلى 8-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيىسىگە كىرگەن.
ھازىرقى ۋەزىپىسى: شەھەرلىك مىللەت-دىن ئىشلىرى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى.
تەيىنلىنىدىغان ۋەزىپە: شەھەرلىك مىللەت-دىن ئىشلىرى مومىتېتىنىڭ مۇدىرى.
تەيىنلەش سەۋەبى: خىزمەت ئېھتىياجىدىن.
خىزمەت تارىخى: 1970-يىلى 6-ئايدا ئەيرىك كۆلى قۇدۇق مەشغۇلات زاۋۇتى دېھقانچىلىق مەيدانىدا قايتا تەربىيە ئالغان؛ 1970-يىلى 11-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە قۇدۇق مەشغۇلات شىركىتى 10-ئەترىتىنىڭ ئىشچىسى بولغان؛ 1974-يىلى 10-ئايدا غەربىي جەنۇپ نېفىت ئىنىستىتوتى ئۆزلەشتۈرۈش فاكولتېتىنىڭ نېفىت ئېلىش كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1977-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە قۇدۇق مەشغۇلات شىركىتىنىڭ تېخنىكى بولغان؛ 1978-يىلى 9-ئايدا قاراماي شەھەرلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان؛ 1985-يىلى 1-ئايدا قاراماي شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛ 1986-يىلى 12-ئايدا قاراماي شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى بولغان؛ 1990-يىلى 8-ئايدا قاراماي شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى قوشۇمچە سىياسىي يېتەكچىسى بولغان؛ 1993-يىلى 11-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە مائارىپ مەركىزى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛ 1994-يىلى 1-ئايدا قاراماي شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ نېفىت ئىدارە مائارىپ مەركىزى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛ 2002-يىلى 3-ئايدا قاراماي شەھەرلىك مىللەت-دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 2002-يىلى 5-ئايدا قاراماي شەھەرلىك مىللەت-دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 2003-يىلى 7-ئايدىن بۈگۈنگە قەدەر ھازىرقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ.
سۈي شۇلىن، ئەر، خەنزۇ، خېنەن نەنياڭدىن، 1952-يىلى 7-ئايدا تۇغۇلغان، 1972-يىلى 12-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1975-يىلى 3-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيىسىگە كىرگەن.
ئوقۇش تارىخى: ئالىي مەكتەپ (2002-يىلى 12-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپى ماتېرىيال ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئىنىستىتوتىنىڭ قانۇن كەسپىنى پۈتتۈرگەن)
ھازىرقى ۋەزىپىسى: مۇئاۋىن نازارەت دەرىجىلىك تەھقىقلىگۈچى، شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى.
تەيىنلىنىدىغان ۋەزىپە: شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى.
تەيىنلەش سەۋەبى: خىزمەت ئېھتىياجىدىن.
خىزمەت تارىخى: 1972-يىلى 12-ئايدا جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسى 89800 قىسمىدا ئەسكەر بولغان؛ 1978-يىلى 4-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە نېفىتلىك قۇرۇلۇش 1-باشقارمىسىدا ئىشچى بولغان؛ 1979-يىلى 3-ئايدا قاراماي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى (شىنجاڭ نېفىت ئىدارە قوغداش باشقارمىسى) جىنايى ئىشلار ساقچىلىرى ئەترىتىنىڭ ساقچىسى بولغان؛ 1985-يىلى 6-ئايدا قاراماي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى (شىنجاڭ نېفىت ئىدارە قوغداش باشقارمىسى) جەرەنبۇلاق ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1989-يىلى 1-ئايدا قاراماي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى (شىنجاڭ نېفىت ئىدارە قوغداش باشقارمىسى) جىنايى ئىشلار ساقچىلىرى چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن سىياسىي يېتەكچىسى بولغان؛ 1992-يىلى 4-ئايدا قاراماي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى (شىنجاڭ نېفىت ئىدارە قوغداش باشقارمىسى) جەرەنبۇلاق ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى، سىياسىي يېتەكچىسى بولغان؛ 1993-يىلى 2-ئايدا قاراماي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى (شىنجاڭ نېفىت ئىدارە قوغداش باشقارمىسى) جەرەنبۇلاق ج خ شۆبە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى (مۇئاۋىن باشقارما دەرىجىلىك) بولغان؛ 1993-يىلى 10-ئايدا قاراماي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى (شىنجاڭ نېفىت ئىدارە قوغداش باشقارمىسى) نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 2000-يىلى 4-ئايدا قاراماي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى (شىنجاڭ نېفىت ئىدارە قوغداش باشقارمىسى) پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە (باشقارما) باشلىقى بولغان؛ 2002-يىلى 5-ئايدا قاراماي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان؛ 2007-يىلى 3-ئايدىن بۈگۈنگە قەدەر ھازىرقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ.
شياڭ جې، ئەر، خەنزۇ، شەندۇڭ خەيياڭدىن، 1952-يىلى 1-ئايدا تۇغۇلغان، 1972-يىلى 1-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1983-يىلى 12-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيىسىگە كىرگەن.
ئوقۇش تارىخى: ئالىي مەكتەپ (1996-يىلى 12-ئايدا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي قانۇن كەسپىنى پۈتتۈرگەن)
ھازىرقى ۋەزىپىسى: شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى.
تەيىنلىنىدىغان ۋەزىپە: شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى.
تەيىنلەش سەۋەبى: خىزمەت ئېھتىياجىدىن.
خىزمەت تارىخى: 1972-يىلى 1-ئايدا مايتاغ شەرقىي كەنت دېھقانچىلىق مەيدانىدا قايتا تەربىيە ئالغان؛ 1973-يىلى 9-ئايدا قاراماي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەڭرىتاغ يولى ساقچىخانىسىنىڭ نوپۇس ئىشلىرىغا مەسئۇل ساقچىسى بولغان؛ 1976-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خىمىيە سانائەت ئىدارىسى ئامانلىق ساقلاش باشقارمىسىنىڭ كادىرى بولغان؛ 1978-يىلى 1-ئايدا قاراماي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەييارلىق سوراق بۆلۈمىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، بۆلۈم باشلىقى بولغان؛ 1992-يىلى 5-ئايدا قاراماي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچىلىرى تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1993-يىلى 11-ئايدا قاراماي شەھىرى قاراماي رايونلۇق ج خ شۆبە ئىدارىسىنىڭ سىياسىي كومىسسارى بولغان؛ 1995-يىلى 11-ئايدا قاراماي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بولغان؛ 2006-يىلى 12-ئايدىن بۈگۈنگە قەدەر ھازىرقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ.
ۋاڭ جيەنجياڭ، ئەر، خەنزۇ، جياڭسۇ سۇچيەندىن، 1961-يىلى 3-ئايدا تۇغۇلغان، 1975-يىلى 9-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1984-يىلى 5-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيىسىگە كىرگەن.
ئوقۇش تارىخى: ئالىي مەكتەپ (1997-يىلى 12-ئايدا مەركەز پارتىيە مەكتىپى ماتېرىيال ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئىنىستىتوتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن)
ھازىرقى ۋەزىپىسى: قاراماي شەھىرى، شىنجاڭ نېفىت ئىدارە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەرلىك مەمۇرىي تەپتىشلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى.
تەيىنلىنىدىغان ۋەزىپە: شەھەرلىك مەمۇرىي تەپتىشلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى.
تەيىنلەش سەۋەبى: خىزمەت ئېھتىياجىدىن.
خىزمەت تارىخى: 1975-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە دېھقانچىلىق قوشۇمچە كەسىپلىرى باشقارمىسىدا قايتا تەربىيە ئالغان؛ 1976-يىلى 11-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە پارتىيە مەكتىپىنىڭ سىياسىي خىزمەت كۇرسىدا ئوقۇغان؛ 1981-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ كادىرى بولغان؛ 1984-يىلى 9-ئايدا جېڭجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە فاكولتېتىدا ئوقۇغان؛ 1986-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە پارتكوم ئىشخانىسىدا كاتىپ بولغان؛ 1991-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە پارتكوم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بۆلۈمىنىڭ كاتىپى بولغان؛ 1992-يىلى 8-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە پارتكومىدا مۇئاۋىن بۆلۈم دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى بولغان؛ 1993-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلارنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ كادىرى، مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، بۆلۈم دەرىجىلىك تەشكىلاتچىسى بولغان؛ 1998-يىلى 5-ئايدا قاراماي شەھەرلىك ئەمگەك، كادىرلار ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 2002-يىلى 5-ئايدا قاراماي شەھەرلىك كادىرلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 2003-يىلى 5-ئايدا قاراماي شەھىرى، شىنجاڭ نېفىت ئىدارە پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قاراماي شەھەرلىك كادىرلار ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان؛ 2007-يىلى 2-ئايدىن بۈگۈنگە قەدەر ھازىرقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ.
لى شيەنكۇن، ئەر، خەنزۇ، شەندۇڭ لەيياڭدىن، 1964-يىلى 10-ئايدا تۇغۇلغان، 1982-يىلى 10-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1985-يىلى 5-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيىسىگە كىرگەن.
ئوقۇش تارىخى: ئالىي مەكتەپ (1998-يىلى 12-ئايدا مەركەز پارتىيە مەكتىپى ماتېرىيال ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئىنىستىتوتىنىڭ پارتىيە، مەمۇرىيەت باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن)
ھازىرقى ۋەزىپىسى: شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئىدارە باشلىقى، شەھەرلىك ياشانغانلار كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى.
تەيىنلىنىدىغان ۋەزىپە: شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى.
تەيىنلەش سەۋەبى: خىزمەت ئېھتىياجىدىن.
خىزمەت تارىخى: 1982-يىلى 10-ئايدا 36030 قىسمىدا ئەسكەر، پۈتۈكچى بولغان؛ 1986-يىلى 1-ئايدا قاراماي شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدا ئىشلىگەن؛ 1987-يىلى 9-ئايدا بېيجىڭ خەلق ئىشلىرى كادىرلىرى ئىنىستىتوتىدا ئوقۇغان؛ 1989-يىلى 8-ئايدا قاراماي شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدا ئىشلىگەن؛ 1994-يىلى 3-ئايدا قاراماي شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى خەلق ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 1996-يىلى 4-ئايدا قاراماي شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى خەلق ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1997-يىلى 2-ئايدا قاراماي شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 1999-يىلى 12-ئايدا قاراماي شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 2003-يىلى 8-ئايدىن 2004-يىلى 10-ئايغىچە قاراماي شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان (ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىپ چېنىقتۇرۇلغان))؛ 2005-يىلى 12-ئايدىن بۈگۈنگە قەدەر ھازىرقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ.
جيا چىڭچاڭ، ئەر، خەنزۇ، شەندۇڭ جۈنەندىن، 1956-يىلى 9-ئايدا تۇغۇلغان، 1972-يىلى 7-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1977-يىلى 4-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيىسىگە كىرگەن.
ئوقۇش تارىخى: ئالىي مەكتەپ (2005-يىلى 6-ئايدا شىئەن نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى (ماتېرىيال بىلەن ئوقۇتۇش) نىڭ بۇغالتىرلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن)
ھازىرقى ۋەزىپىسى: شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت مالىيە سىياسىي قانۇن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، شەھەرلىك دۆلەت خەزىنىسىدىن مەركەزلىك ھېسابات قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى.
تەيىنلىنىدىغان ۋەزىپە: شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى.
تەيىنلەش سەۋەبى: خىزمەت ئېھتىياجىدىن.
خىزمەت تارىخى: 1972-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە نېفىت ئېلىش 3-زاۋۇتى ئاقبۇلاق دېھقانچىلىق مەيدانىدا كاسسىر بولغان؛ 1973-يىلى 12-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە نېفىت ئېلىش 3-زاۋۇتى قۇدۇق رېمونت ئەترىتىنىڭ قودۇق رېمونت ھېساباتچىسى بولغان؛ 1974-يىلى 11-ئايدا جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسى 3684 قىسمىدا ئەسكەر، بەنجاڭ بولغان؛ 1978-يىلى 4-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە ئاپتوموبىل رېمونت زاۋۇتى پىششىقلاش سېخىدا ستانوك بولغان؛ 1982-يىلى 12-ئايدا قاراماي تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنىڭ پراكتىكانتلار زاۋۇتىدا پراكتىكانتلار يېتەكچىسى بولغان؛ 1987-يىلى 8-ئايدا قاراماي تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى مالىيە بۆلۈمىنىڭ بۇغالتىرى بولغان؛ 1992-يىلى 6-ئايدا قاراماي تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى چىڭدا شىركىتىنىڭ مالىيە مەسئۇلى، مۇئاۋىن دىرېكتورى بولغان؛ 1995-يىلى 11-ئايدا قاراماي تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى مالىيە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، باشلىقى بولغان؛ 1998-يىلى 4-ئايدا قاراماي شەھەرلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنىڭ مۇدىر ياردەمچىسى بولغان؛ 1999-يىلى 4-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە مالىيە باشقارمىسى مۈلۈك باشقارمىسى ۋاكالەتچىلىك ئۇنىۋېرسال بۆلۈمى، مۈلۈك بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 2000-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە مالىيە باشقارمىسى مەبلەغ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 2003-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ نېفىت ئىدارە مالىيە مەركىزىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 2007-يىلى 7-ئايدىن بۈگۈنگە قەدەر ھازىرقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ.
چاڭ فېڭيىڭ، ئايال، خەنزۇ، گەنسۇ توڭۋېيدىن، 1961-يىلى 6-ئايدا تۇغۇلغان، 1980-يىلى 10-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1988-يىلى 7-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيىسىگە كىرگەن.
ئوقۇش تارىخى: ئالىي مەكتەپ (1996-يىلى 12-ئايدا مەركەز پارتىيە مەكتىپى ماتېرىيال ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئىنىستىتوتىنىڭ پارتىيە، مەمۇرىيەت باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن)
ھازىرقى ۋەزىپىسى: قاراماي شەھىرى، شىنجاڭ نېفىت ئىدارە پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قوشۇمچە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى.
تەيىنلىنىدىغان ۋەزىپە: شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى.
تەيىنلەش سەۋەبى: خىزمەت ئېھتىياجىدىن.
خىزمەت تارىخى: 1980-يىلى 10-ئايدا شىخېپۇ نېفىت ئېلىش، ئايرىش چوڭ ئەترىتى پەرزەنتلەر باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئېنگىلىس تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولغان؛ 1981-يىلى 9-ئايدا شىخېپۇ نېفىت ئېلىش، ئايرىش چوڭ ئەترىتى ئۆلچەم پونكىتىدا ئۆلچەم خادىمى بولغان؛ 1982-يىلى 9-ئايدا شىخېپۇ نېفىت ئېلىش، ئايرىش چوڭ ئەترىتى ئىتتىپاق باش ياچېيكىسىنىڭ كادىرى بولغان؛ 1983-يىلى 3-ئايدا پوسكام ئۆزلەشتۈرۈش شىركىتى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ كادىرى بولغان؛ 1988-يىلى 9-ئايدا بىڭتۇەن پارتىيە مەكتىپىنىڭ پارتىيە، مەمۇرىيەت باشقۇرۇش سىنىپىدا ئوقۇغان؛ 1990-يىلى 8-ئايدا غەربىي جەنۇبىي تارىم چارلاش، ئۆزلەشتۈرۈش شىركىتى ئورگان ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1992-يىلى 3-ئايدا غەربىي جەنۇبىي تارىم چارلاش، ئۆزلەشتۈرۈش شىركىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1993-يىلى 9-ئايدا غەربىي جەنۇبىي تارىم چارلاش، ئۆزلەشتۈرۈش شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1997-يىلى 4-ئايدا غەربىي جەنۇبىي تارىم چارلاش، ئۆزلەشتۈرۈش شىركىتى تەمىنلەش شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1997-يىلى 8-ئايدا قاراماي شەھىرى، شىنجاڭ نېفىت ئىدارە پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قوشۇمچە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛ 2003-يىلى 2-ئايدىن بۈگۈنگە قەدەر ھازىرقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ.