رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ كومىتېت، ئىشخانا، ئىدارىلىرى، نېفىت، نېفىت خىمىيە كارخانىلىرى، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا:
«قاراماي شەھىرىنىڭ شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى يولغا قويۇش چارىسى (سىناق)» شەھەرلىك 12-نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 5-سانلىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاندى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى سىناق نۇقتا قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈپ قوشۇلدى، بۇنى سىلەرگە تارقاتتۇق، شۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشىڭلارنى سورايمىز.
2008-يىلى 6-ئاينىڭ 15- كۈنى
قاراماي شەھىرىنىڭ شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى يولغا قويۇش چارىسى (سىناق)
1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ
1-ماددا بۇ چارە كۆپ قاتلاملىق داۋالىنىش كاپالەت سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەننىڭ «شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىناق نۇقتىسى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچىلىك پىكرى» (گ [2007] 20-نومۇرلۇق) ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاپتونوم رايونىمىزدا شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىناق نۇقتىسى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» (ش ھ [2007] 63-نومۇرلۇق) نىڭ روھىغا ئاساسەن، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئالاھىدە تۈزۈپ چىقىلدى.
2-ماددا بۇ چارىدە ئېيتىلغان ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى بولسا ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن، يېتەكچىلىك قىلغان ۋە قوللىغان، ئاھالىلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قاتنىشىدىغان، بالنتىستا يېتىپ داۋالىنىش ۋە ئامبولاتورىيە چوڭ كېسەللىكلىرىنى داۋالىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئاساس قىلىنغان، ئامبولاتورىيىدە كېسەل كۆرسۈتۈشكە تەڭ ئېتىبار بېرىلىدىغان ئاساسىي داۋالىنىش كاپالەت سىستېمىسىنى كۆرسىتىدۇ. پۈتكۈل شەھىرىمىزنىڭ شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى شەھەر دەرىجىسى بويىچە بىر تۇتاش غەملىنىدۇ.
3-ماددا شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا مەبلەغ غەملەش بىلەن كاپالەت سىستېمىسىنى شەھىرىمىزنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ھەر قايسى جەھەتلەرنىڭ زىممىسىگە ئېلىش ئىقتىدارى بىلەن ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلىدۇ؛ ئائىلە (شەخس) ھەق تاپشۇرۇش بىلەن ھۆكۈمەت قوشۇمچە ياردەم بېرىشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى قولىنىلىپ، كۆپ يوللار ئارقىلىق مەبلەغ غەملەش مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ؛ فوندىدا كىرىمگە قاراپ چىقىمنى بېكىتىلىپ، كىرىم-چىقىمنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇلىدۇ ھەمدە قىسمەن ئېشىنچا قالدۇرۇلىدۇ؛ شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن تۈرلۈك داۋالىنىش كاپالەت تۈزۈملىرى بىر تۇتاش غەملىنىپ ۋە تەڭ ئېتىبار بېرىلىپ، ئۆز ئارا جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، ماس راۋاجلاندۇرۇلىدۇ.
4-ماددا شەھەرلىك ئەمگەك كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى پۈتكۈل شەھىرىمىزنىڭ شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارماق بولۇپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى باشقۇرۇش، تەشكىللەپ يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولىدۇ؛ شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش فوندىنى غەملەش، باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتلىرى تۈزگەن شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا فوندى خام چوت، نەق چوت لايىھىلىرىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ. شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتلار شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا فوندىنى غەملەش، چىقىم قىلىش ۋە باشقۇرۇش، نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە رايونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت بېجىرگۈچى ئاپپاراتلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق كەسپىي خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.
رايونلۇق ئەمگەك كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئۆز قارماق رايونىدىكى شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. رايونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت بېجىرگۈچى ئاپپاراتلار ئۆز قارماق رايونىدىكى شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، فوند غەملەش ۋە داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.
تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە، ئىقتىسادىي تەپتىشلىك، خەلق ئىشلىرى، ج خ، مائارىپ، سەھىيە، دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق، يېمەكلىك- دورا نازارەتچىلىكى، مېيىپلەر بىرلەشمىسى قاتارلىق تارماقلار ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خىزمىتىنى ماسلىشىپ ياخشى ئىشلىشى لازىم.
2-باب سۇغۇرتىغا قاتنىشىش دائىرىسى ۋە مەبلەغ غەملەش ئۆلچىمى
5-ماددا شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش دائىرىسى ۋە ئوبيېكتىلىرى:
1. شەھىرىمىزنىڭ شەھەر-بازار دائىملىق نوپۇسىغا ئىگە، شەھەر-بازار ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنىڭ قاپلاش دائىرىسىگە ياتمايدىغان ئۆقۇش يېشىدىن بۇرۇنقى بالىلار، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلار (كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا، ئوتتۇرا تېخنىكوم، تېخنىك ئىشچىلار مەسكىپى ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تۆۋەندىمۇ ئوخشاش) ۋە كەسىپ بىلەن شۇغۇللانمايدىغان باشقا ئاھالىلەر.
2. شەھىرىمىزنىڭ يېزا دائىملىق نوپۇسىغا ئىگە دېھقان-چارۋىچىلار.
ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىرلىكتە شەھىرىمىزدە ئۇزۇن مۇددەت ئوقۇپ ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈپ كېلىۋاتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قاتناشسا بولىدۇ.
6-ماددا شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ مەبلەغ غەملەش ئۆلچىمى:
1. قورامىغا يەتكەن ئاھالىلەر، ھەر بىر كىشىنىڭ يىلىغا 500 يۈەن.
1) ئاھالىلەر ھەر بىر كىشى يىلىغا 120 يۈەن تاپشۇرىدۇ، مالىيىدىن 380 يۈەن قوشۇمچە ياردەم بېرىلىدۇ؛
2) شەھەر-يېزا ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىۋاتقانلار، ھەر بىر كىشى يىلىغا 60 يۈەن تاپشۇرىدۇ، مالىيىدىن 440 يۈەن قوشۇمچە ياردەم بېرىلىدۇ.
3) «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېيىپلىق گۇۋاھنامىسى» بار ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپلار، ھەر بىر كىشى يىلىغا 60 يۈەن تاپشۇرىدۇ، مالىيىدىن 440 يۈەن قوشۇمچە ياردەم بېرىلىدۇ.
4) 60 ياشقا توشقان ئەرلەر، 55 ياشقا توشقان ئاياللار، ئائىلە ئوتتۇرىچە كىرىمى شەھىرىمىزنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن ياشانغانلار، ھەر بىر كىشى يىلىغا 60 يۈەن تاپشۇرىدۇ، مالىيىدىن 440 يۈەن قوشۇمچە ياردەم بېرىلىدۇ.
2. ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇنقى بالىلار، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە 18 ياشتىن تۆۋەنلەر، ھەر بىر كىشىنىڭ يىلىغا 300 يۈەن.
1) ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇنقى بالىلار، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە 18 ياشتىن تۆۋەنلەر، ھەر بىر كىشى يىلىغا 20 يۈەن تاپشۇرىدۇ، مالىيىدىن 280 يۈەن قوشۇمچە ياردەم بېرىلىدۇ.
2) ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئائىلىلىرىدىكى ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇنقى بالىلار، ئوتتۇرا-مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە 18 ياشتىن تۆۋەنلەر، ھەر بىر كىشى يىلىغا 10 يۈەن تاپشۇرىدۇ، مالىيىدىن 290 يۈەن قوشۇمچە ياردەم بېرىلىدۇ.
3) ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇنقى بالىلار، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە 18 ياشتىن تۆۋەنلەر ئىچىدىكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېيىپلىق گۇۋاھنامىسى» بار ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپلار، ھەر بىر كىشى يىلىغا 10 يۈەن تاپشۇرىدۇ، مالىيىدىن 290 يۈەن قوشۇمچە ياردەم بېرىلىدۇ.
7-ماددا مالىيىدىن قوشۇمچە ياردەم بېرىلىدىغان مەبلەغنى شەھەر، رايون ئىككى دەرىجىلىك مالىيە %50 تىن زىممىسىگە ئالىدۇ.
3-باب سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ۋە ھەق تاپشۇرۇشنى باشقۇرۇش
8-ماددا شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ئائىلە (شەخس) نى بىرلىك قىلغان ئاساستا شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇننىڭ كوچا (يېزا) ئەمگەك كاپالەت ئىشلىرى ئورنىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، ئىلتىماسنى تىزىملاش جەدۋىلى توشقۇزۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى لازىم:
1. نوپۇس دەپتىرى، كىملىكىنىڭ ئەسلى ۋە كۆپەيتىلمە نۇسخىسى؛
2. يېقىندا چۈشكەن 1 سۇڭلۇق رەڭلىك يالاڭباش رەسىمى؛
3. ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان بولىۋاتقانلار، ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپلار ۋە تۆۋەن كىرىملىك ياشانغانلار ئىلتىماسنى تىزىملىتىش رەسمىيىتى بېجىرگەندە، ئايرىم-ئايرىم «شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت فوندىنى ئېلىش كىنىشكىسى»، «يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت فوندىنى ئېلىش كىنىشكىسى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېيىپلىق گۇۋاھنامىسى» قاتارلىق كىنىشكىلەر ۋە كىرىم ئىسپاتىنى تەمىنلىشى لازىم؛
4. ئۇزۇن مۇددەت شەھىرىمىزدە ئەمگەك قىلىپ كېلىۋاتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ج خ تارماقلىرى چىقارغان ئولتۇراقلىشىش ئىسپاتى ياكى ئوقۇۋاتقان مەكتەپلىرى چىقارغان ئوقۇش تەۋەلىك ئىسپاتىنى تەمىنلىشى لازىم.
9-ماددا كوچا (يېزا) ئەمگەك كاپالەت ئىشلىرى ئورنى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلتىما ماتېرىياللىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرىدۇ ھەمدە 10 كۈن ئىچىدە ئومۇملاشتۇرۇپ دەپتەرچە قىلىپ رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتنىڭ قايتا تەكشۈرۈشىگە تاپشۇرىدۇ. رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتلار تەكشۈرۈپ سۇغۇرتىغا قاتناشسا بولىدىغانلارنى 10 كۈن ئىچىدە كوچا (يېزا) ئەمگەك كاپالەت ئىشلىرى ئورنىغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ئۈچۈن سۇغۇرتىغا قاتنىشىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ، شەخسىيلەر تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ھەقنى يىغىدۇ.
10-ماددا شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئائىلىلەر (شەخسىيلەر) ھەق تاپشۇرۇشىدا يللىق ھەقنى بىر قېتىمدىلا تاپشۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ. ھەق تاپشۇرۇش ۋاقتى ھەر يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە بولىدۇ. كېيىنكى يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمان بولىدۇ.
شۇ يىلى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش رەسمىيىتىنى ئاتا-ئانىلار بوۋاقنىڭ نوپۇس دەپتىرىنى ئېلىپ 3 ئاي ئىچىدە نوپۇسى تۇرۇشلۇق كوپا (يېزا) ئەمگەك كاپالەت ئىشلىرى ئورنىدا بېجىرىدۇ، شۇ يىل ئىچىدىكى ھەق تاپشۇرۇش سوممىسى ئۆزگەرمەيدۇ. ھەق تاپشۇرغاندىن كېيىنلا شۇ يىللىق شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمان بولالايدۇ.
11-ماددا رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتلىرى كوچا (يېزا) ئەمگەك كاپالەت ئىشلىرى ئورنى يىققان شەخسىيلەر تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ھەقلەرنى ھە بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئۆلچەم بويىچە قوبۇل قىلغان رايون دەرىجىلىك مالىيىدىن بېرىلگەن يىللىق قوشۇمچە ياردەم مەبلىغىنى يىغىنچاقلىغاندىن كېيىن، شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا تاپشۇرىدۇ.
شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات رايونلۇق مالىيە تارماقلىرى قوشۇمچە ياردەم بېرىدىغان مەبلەغ سوممىسىغا ئاساسەن، شەھەر دەرىجىلىك مالىيىنىڭ يىللىق قوشۇمچە ياردەم بېرىشكە تېگىشلىك مەبلەغ پىلانىنى تۈزۈپ، شەھەرلىك مالىيە تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىگە يوللايدۇ. شەھەرلىك مالىيە تارمىقى تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن، قوشۇمچە ياردەم مەبلىغى شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتنىڭ كىرىم مەخسۇس ھېسابىغا يۆتكەپ بېرىلىدۇ.
4-باب ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا تەمىناتى
12-ماددا شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان خادىملار (تۆۋەندە قىسقارتىپ سۇغۇرتىغا قاتناشقان خادىملار دېيىلىدۇ) نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا بالنتېستا يېتىپ داۋالىنىش، ئامبولاتورىيە چوڭ كېسەللىكلىرىنى كۆرسىتىش ۋە مەھەللە (يېزا، كەنت) سەھىيە مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئامبولاتورىيىسىدە داۋالىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان داۋالىنىش خىراجەتلىرىگە بۇ چارە بويىچە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتى بېرىلىدۇ.
13-ماددا سۇغۇرتىغا قاتناشقان خادىملار كېسەل كۆرسەتكەندە ئاپتونوم رايونلۇق شەھەر-بازار ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى «دورا مۇندەرىجىسى»، «داۋالاش تۈرلىرى مۇندەرىجىسى ۋە داۋالاش مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى تۈرى» ۋە «بالىلارغا دورا ئىشلىتىش مۇندەرىجىسى» ئىجرا قىلىنىدۇ. ئەمما ئاپتونوم رايونلۇق شەھەر-بازار ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورا مۇندەرىجىسىدىكى B تىپلىق دورىلارنىڭ ئۆزى ئۈستىگە ئېلىش نىسبىتى بىلەن داۋالاش تۈرلىرى قىسمىنىڭ چىقىم قىلىش نىسبىتى قاتارلىق بەلگىلىمىلەر تەدبىقلانمايدۇ. «مۇندەرىجە» گە كىرگۈزۈلمىگەن داۋالاش ھەقلىرى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن چىقىم قىلىنمايدۇ.
14-ماددا سۇغۇرتىغا قاتناشقان خادىملارنىڭ يىل ئىچىدە نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا كېلىپ چىققان بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بالنتېستا يېتىپ داۋالىنىش ۋە ئاپبولاتورىيە چوڭ كېسەللىكلىرىنى كۆرسىتىش ھەقلىرىنى شەخسىيلەر بىلەن شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا فوندى نىسبەت بويىچە زىممىسىگە ئالىدۇ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنى سۇغۇرتا ھەققىدىن چىقىم قىلىش يۇقىرى چېكى 30000 يۈەن بولىدۇ.
15-ماددا سۇغۇرتىغا قاتناشقان خادىملارنىڭ نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا بالنتېستىدا يېتىپ داۋالىنىش ھەققىنىڭ دەسلەپكى چىقىم قىلىش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن قىسمىنى شەخسىلەر ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ، دەسلەپكى چىقىم قىلىش ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا فوندى بىلەن سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى خادىملار نىسبەت بويىچە زىممىسىگە ئالىدۇ.
1. بالنتېستا يېتىش ھەققىنىڭ دەسلەپكى چىقىم قىلىش ئۆلچىمى: ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا ئاساسەن 1-دەرىجىلىكنىڭ 100 يۈەن، 2-دەرىجىلىكنىڭ 200 يۈەن، 3-دەرىجىلىك (شەھەر-ئىدارىدىن سىرت داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تۆۋەندىمۇ ئوخشاش) نىڭ 600 يۈەن. بىر يىل ئىچىدە، سۇغۇرتىغا قاتناشقان شەھەر- يېزا ئاھالىلىرى ئوخشاش دەرىجىدىكى داۋالاش ئاپپاراتىدا قايتا بالنتېستا ياتسا، دەسلەپكى چىقىم قىلىش ئۆلچىمىنى تۆلىمەيدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتىدا قايتا بالنتېستا ياتسا، تۆۋەن دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتى بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتى دەسلەپكى چىقىم قىلىش ئۆلچىمىنىڭ پەرقلىق سوممىسىنى تولۇقلاپ تاپشۇرىدۇ.
2. زىممىسىگە ئېلىش نىسبىتى:
1-دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپارتى (مەھەللە، يېزا سەھىيە مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دا داۋالانسا، فۇنددىن %65 چىقىم قىلىنىپ، شەخسىلەي %35 ىنى زىممىسىگە ئالىدۇ.
2-دەرىجىلىك دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپارتىدا داۋالانسا، فۇنددىن %60 چىقىم قىلىنىپ، شەخسىلەي %40 ىنى زىممىسىگە ئالىدۇ.
3- دەرىجىلىك دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپارتىدا داۋالانسا، فۇنددىن %55 چىقىم قىلىنىپ، شەخسىلەي %45 ىنى زىممىسىگە ئالىدۇ.
16-ماددا نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا كېلىپ چىققان بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئامبولاتورىيە چوڭ كېسەللىكلىرىنى داۋالىتىش ھەققىنىڭ %55 ى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ، %45 ىنى شەخسىلەر زىممىسىگە ئالىدۇ.
شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا فوندى زىممىسىگە ئالىدىغان بالنتېستا يېتىش ۋە ئامبولاتورىيە چوڭ كېسەللىكلىرىنى داۋالىتىش ھەققى ئەڭ يۇقىرى چىقىم قىلىش چېكىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم.
17-ماددا ئامبولاتورىيە چوڭ كېسەللىكلىرى ۋاقتىنچە تۆۋەندىكىدەك بېكىتىلدى: ئېغىر دەرىجىدىكى سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىنى دىئالىز يولى بىلەن داۋالاش (قان دىئالىزى بىلەن قوساق بوشلۇقى دىئالىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)؛ ئەزا كۆچۈرگەندىن كېيىنكى چەتكە قېقىشقا قارشى داۋالاش (بۆرەك كۆچۈرۈش، يىلىك كۆچۈرۈش، جىگەر كۆچۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)؛ يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى ئامبولاتورىيىدە خىمىيىلىك، رادىئاتسىيىلىك داۋالاش. 18 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ ئامبولاتورىيە چوڭ كېسەللىكلىرى ئىچىدە يەنە ئاق قان كېسىلى، قاناشقا مايىللىق كېسىلى، يامان سۈپەتلىك لىمفا ئۆسمىسى، قايتا ئىشلىنىش توسالغۇغا ئۇچراشلىق قان ئازلىق قاتارلىقلارنى داۋالاش قوشۇلىدۇ.
18-ماددا سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار مەھەللە (يېزا، كەنت) سەھىيە مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئادەتتىكى ئامبولاتورىيىلىرىدە داۋالانسا، داۋالىنىش ھەققىگە يىللىغا بەلگىلەنگەن سوممىدا قوشۇمچە ياردەم بېرىلىدۇ. قوشۇمچە ياردەم بېرىش ئۆلچىمى: ھەر بىر كىشىنىڭ يىلىغا 100 يۈەن. ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن ئادەتتىكى ئامبولاتورىيىدە داۋالىنىش ھەققى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىنمايدۇ.
19-ماددا سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار سىرتقا يۆتكىلىپ داۋالانسا ياكى ئۇزۇن مۇددەت باشقا جايلاردا ئولتۇراقلاشقان بولسا، شۇ يەردىكى نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا كېسەل كۆرسىتىشى لازىم، ئۇلارنىڭ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بالنېتسىدا يېتىپ داۋالىنىش ھەققىنىڭ %55 ى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ؛ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئامبولاتورىيە چوڭ كېسەللىكلىرىنى داۋالىتىش ھەققىنىڭ %55 ى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ.
20-ماددا شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ئۈزلۈكسىز سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن ئۈزۈلدۈرمەي بەھرىمان بولۇشغا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ. ئەگەر سۇغۇرتىغا قاتنىشىشنى ئۈزۈلدۈرۈپ قويسا، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئۈزۈلدۈرۈپ قويۇلغان يىللىرى كېلىپ چىققان داۋالىنىش ھەققى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىنمايدۇ.
21-ماددا سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار تۇققان يوقلاش، ساياھەت قىلىش جەريانىدا تۇيۇقسىز كېسەلگە گرىپتار بولۇپ جىددىي ئامبولاتورىيىدە داۋالانسا، تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ:
1. جىددىي ئامبولاتورىيىدە كۆرۈنۈپ بالنتېستا يېتىش زۆرۈر بولمىسا، جىددىي ئامبولاتورىيە ھەققىنى شەخسىلەر ئۆزى زىممىسىگە ئالىدۇ؛
2. جىددىي ئامبولاتورىيىدە بالنتېستا ياتسا، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئامبولاتورىيە ھەققى بالنتېستا يېتىپ داۋالىنىش ھەققىگە كىرگۈزىۋېتىلىدۇ.
22-ماددا سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار تۆۋەندىكى ئەھۋالىنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، كېلىپ چىققان داۋالىنىش ھەققى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىنمايدۇ:
1. چەتئەل ياكى شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونلىرىدا داۋالانسا؛
2. ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالسا، ئۆزىنى ناكا قىلىۋالسا؛
3. جىدەللەشسە، ھاراقخورلۇق قىلسا، زەھەر چەكسە ۋە جىنايەت ئۆتكۈزسە ياكى «ئامانلىق ساقلاش بويىچە جازالاش نىزامى» غا خىلاپلىق قىلسا؛
4. قاتناش ھادىسىسى، تاسادىپىي زەخمىلىنىش، داۋالاش ھادىسىسى قاتارلىق 3-تەرەپ داۋالىنىش ھەققى تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالىدىغان ھادىسىلەر بولسا؛
5. بەلگىلىمە بويىچە چىقىم قىلىنمايدىغان باشقا ئەھۋاللار كۆرۈلسە.
5-باب داۋالاش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ۋە ئاتچوت ھېساباتى
23-ماددا سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات تارقاتقان «قاراماي شەھىرى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كېنىشكىسى» نى ئېلىپ نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا داۋالىنىدۇ. داۋالاش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان شەھەر-يېزا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ داۋالاش سۇغۇرتىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
24-ماددا سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار بالنتېستا يېتىپ داۋالانسا، نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرى چىقىرىپ بەرگەن «بالنتېستا يېتىش ھېسابات ئۇقتۇرۇشنامىسى»نى ئېلىپ، رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا بېرىپ «قاراماي شەھىرى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بالنتېستا يېتىپ داۋالىنىش ھەققى ھېسابات ئۇقتۇرۇشنامىسى» نى بېجىرىپ، نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتىغا تاپشۇرىدۇ ھەمدە نۇقتىلىق داۋالىنىش ئاپپاراتىغا داۋالاش ھەققى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %50 ى بويىچە رەنە پۇلى تاپشۇرۇپ، بالنتېستىن چىققاندىن كېيىن «قاراماي شەھىرى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كېنىشكىسى»، داۋالاش ئاپپاراتلىرى چىقىرىپ بەرگەن رەنە پۇلى ئىسپاتى قاتارلىقلارنى ئېلىپ، رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتىغا بېرىپ داۋالاش ھەققى ھېسابات رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ.
رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىس فوندىدىن چىقىم قىلىنىشقا تېەىشلىك داۋالاش ھەقلىرىنى جەملەپ، شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتىغا يوللايدۇ، شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتى قەرەللىك ھالدا نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىلەن ھېسابات قىلىدۇ.
25-ماددا ئامبولاتورىيە چوڭ كېسەللىكلىرىگە گرىپتار بولغان سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار ئالدى بىلەن 2-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا ئامبولاتورىيە چوڭ كېسەللىكلىرىنى ئىلتىماس قىلىش رەسمىيىتى بېجىرىدۇ، مەخسۇس بۆلۈمنىڭ مەسئۇل ۋىراجىدىن يۇقىرى دوختۇرلار «قاراماي شەھىرى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئامبولاتورىيە چوڭ كېسەللىكلىرىنى ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى» گە دېئاگنوز ئاساسىنى يازغاندىن كېيىن، رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتلار تەكشۈرۈپ ۋە تىزىمغا ئېلىپ، داۋالىنىش ۋە ھېسابات قىلىشنىڭ ئاساسى قىلىنىدۇ.
سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار ئامبولاتورىيە چوڭ كېسەللىكلىرىنى كۆرسىتىش ۋە مەھەللە داۋالاش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئامبولاتورىيىسىدە كېسەل كۆرسىتىشىدىن كېلىپ چىققان ھەقلەرنى ئالدى بىلەن ئۆزى تولۇق سوممىدا تۆلىگەندىن كېيىن، رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا ئاتچوت قىلىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ.
26-ماددا سۇغۇرتىغا قاتناشغۇچىلار كېسەل سەۋەبىدىن چوقۇم دوختۇرخانا يۆتكەشكە توغرا كەلسە، دەرىجىمۇ دەرىجە يۆتكەپ داۋالىنىش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ «قاراماي شەھىرىنىڭ سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ دوختۇرخانا يۆتكەپ داۋالىنىشىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش جەدۋىلى» نى ئالغاندىن كېيىن، رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈپ تىزىملىشىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار تەكشۈرۈپ تىزىملىتىشتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ ئۆز ئالدىغا سىرتقى ئورۇنلارنىڭ داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا داۋالانسا، داۋالىنىش خىراجىتى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن ئاتچوت قىلىنمايدۇ.
27-ماددا سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار تەكشۈرۈپ تىزىملاشتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن سىرتقا چىقىپ داۋالانسا، بارلىق داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاۋۋال ئۆزى تۆلەپ، ئاندىن بالنتېستىن چىقىش ئىسپاتى، بالنتېستا يېتىپ داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ تەپسىلىي جەدۋىلى، قانۇنغا ئۇيغۇن ۋە كۈچكە ئىگە ھەق ئېلىش تالونلىرى، دوختۇرخانا يۆتكەشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش جەدۋىلى، دېئاگنوز ئىسپاتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئېلىپ، رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتتا ئاتچوت قىلىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىدۇ.
6-باب فوندىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش
28-ماددا شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندى مالىيە مەخسۇس ھېساباتىغا كىرگۈزۈلۈپ، كىرىم-چىقىم ئىككى لىنىيە بويىچە باشقۇرۇلۇپ، مەخسۇس ھېسابات تۇرغۇزۇلۇپ، مەخسۇس مەبلەغ مەخسۇس ئورۇنغا ئىشلىتىلىدۇ. ھەر قانداق تارماق، ئورۇن ۋە شەخسىلەرنىڭ ئىگىلىۋېلىشى، يۆتكەپ ئىشلىتىشىغا بولمايدۇ.
يىل ئاخىرىدا شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدا ئېشىنچا كۆرۈلسە، كېلەر يىلى داۋاملىق يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. شۇ يىلى چىقىم قىلىشقا يەتمىسە، شەھەر، رايون ئىككى دەرىجىلىك مالىيە %50 لىك نىسبەتتە تولۇقلايدۇ.
29-ماددا شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش فوندىنىڭ بانكىدىكى ئۆسۈمى شەھەر يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا فوندىغا قوشۇۋېتىلىدۇ.
30-ماددا شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدا بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى خام چوت، نەق چوت تۈزۈمى، مالىيە بۇغالتېرلىق تۈزۈمى ۋە ئىچكى ئىقتىسادىي تەپتىشلىك تۈزۈمى ئىجرا قىلىنىدۇ.
7-باب قوشۇمچە پرىنسىپ
31-ماددا باشقا جايلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمان بولۇپ، پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن نوپۇسىنى شەھىرىمىزگە يۆتكەپ كىرگەن خادىملار شەھىرىمىزنىڭ شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ.
32-ماددا بۇ چارىنى چۈشەندۈرۈشكە شەھەرلىك ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى مەسئۇل بولىدۇ، شەھەرلىك ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى بۇ چارىنىڭ يولغا قويۇش تەپسىلىي پرىنسىپىنى تۈزسە بولىدۇ.
33-ماددا بۇ چارە 2008-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.