— مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈش توغرىسىدا (3)
شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى جۇڭگونىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىلگەن بولۇپ ھەم ئېلىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىش ئاساسىي ئەمەلىيىتى ئومۇميۈزلۈك ئويلىشىلغان، ھەم ئېلىمىزدىكى 56 مىللەتنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى ۋە مەدەنىيەت، ئۆرپ – ئادىتى جەھەتتە پەرق مەۋجۇت بولۇشتەك ئاساسىي پاكىت تولۇق ئويلىشىلغان؛ ھەم ئېلىمىزنىڭ تارىختىكى مىللىي مەسىلىنى بىرتەرەپ قىلىشتىكى تەجرىبە – ساۋاقلىرى چوڭقۇر يەكۈنلەنگەن؛ ھەم دۇنيادىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ مىللىي مەسىلىنى بىرتەرەپ قىلىشتىكى تەجرىبە – ساۋاقلىرى ئۆرنەك قىلىنغان؛ ھەم ئاساسىي پرىنسىپ، ئاساسىي مەزمۇننىڭ مۇقىملىقى، ئىزچىللىقى، ئۈزلۈكسىزلىكى ساقلاپ قېلىنغان؛ ھەم جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئەمەلىيەتنىڭ موللىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۈزلۈكسىز تولۇقلانغان، ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشكەن. شۇڭا، ئۇ تارىخىي ۋە ئەمەلىي ئىلمىي ئاساسقا ئىگە.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئېلىمىزدىكى بەش مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونوم رايوننىڭ بىرى بولۇپ، 1955 – يىل 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى قۇرۇلغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى شىنجاڭدا قازاق، موڭغۇل، خۇيزۇ، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ بەش مىللىي ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە قازاق، خۇيزۇ، موڭغۇل، تاجىك، شىبە قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئالتە مىللىي ئاپتونوم ناھىيىسى قۇرۇلغان. ئۇزاقتىن بۇيان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىل – يېزىقىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا، مىللەتلەرنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا باراۋەر ئىشتىراك قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ كەلمەكتە. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەستايىدىل تەربىيىلىشى بىلەن نەچچە 100 مىڭ ئاز سانلىق مىللەت كادىر ئۆسۈپ يېتىلدى، نۇرغۇن كىشى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى، بەزىلىرى يەنە دۆلەت رەھبىرى بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى، مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشى ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇشىغا، ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تېگىشلىك مەجبۇرىيەت مائارىپى ۋە مۇناسىپ ئالىي مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى؛ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا خەنزۇلارنىڭكىدىن كەڭ بولغان تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويدى، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر نوپۇسىنىڭ تەبىئىي ئېشىش سۈرئىتى خەنزۇلار نوپۇسىنىڭ تەبىئىي ئېشىش سۈرئىتىدىن تېز بولدى.
پارتىيىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ شانلىق نۇرىدا، 60 يىلدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخىي خاراكتېرلىك تەرەققىيات ۋە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. بۇ پاكىتلار پارتىيىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشىنىڭ پۈتۈنلەي توغرا، ئۈنۈمىنىڭ ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولغانلىقىنى، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ زور تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىنغانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ يۇرتىنى راۋاجلاندۇرغانلىقى، يۇرتىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلغانلىقى ۋە ئۆزلىرىگە نەپ يەتكۈزگەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.
ئۈرۈمچى ‹‹5 – ئىيۇل›› ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈشتىن ئىبارەت ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر جۇڭگونىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدىن تۈك ئۈندۈرۈپ، يامان غەرەزدە بولۇپ، قانۇنسىز ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئۇرۇندى. ئۇلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا ھەرگىز چۈشمەسلىكىمىز، پارتىيىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇش ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىزدىن قەتئىي تەۋرەنمەسلىكىمىز كېرەك.
‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىدىن كېيىن، تارتقان دەردىمىزنى ئەسلىسەك، مۇنداق بىر ئېتىقادىمىز تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ: يەنى مەيلى مىللىي رايونلارنىڭ سىجىل تەرەققىياتىدىن چىقىش قىلايلى ياكى ئېلىمىزنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىن چىقىش قىلايلى، مەيلى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىدىن چىقىش قىلايلى ياكى ئېلىمىزنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئومۇمىي مەنپەئىتىدىن چىقىش قىلايلى پارتىيىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدە جەزمەن تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرۇشىمىز، ئۇنى ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز ۋە ئىجرا قىلىشىمىز كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىيەلەيمىز ۋە راۋاجلاندۇرالايمىز؛ مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرالايمىز.